ئەگرى پۇت

رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەتسەم بالامنىڭ پۇتى ئەگرى بولۇپ قالامدۇ؟

http://www.thenappylady.co.uk/news/do-cloth-nappies-damage-your-baby.html

رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەتكەن ئاتا-ئانىلار دائىم مەندىن مۇنداق دەپ سورايدۇ: زاىلارنى قوشۇپ ئىشلەتسەم بالامنىڭ يانپىشىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر قىلامدۇ ۋە ياكى بالامنىڭ پۇتىنى ئەگرى قىلىپ قويامدۇ؟ سىزگە بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى: ياق!

رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەتكەندە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يانپىشى قەغەز زاكا ئىشتىنىغا قارىغاندا سەل كەڭرەك كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاىلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يانپىشى توللۇق تەرققىي قىلمىغان بولۇپ، ئادەتتە تۇغۇلغاندىن ى6/8ھەپتە بولغۇچە ۋاقىتىنى دوختۇرلار «توللۇق يېتىلمىگەم باسقۇچ» &mdash «Pavlik harness» دەپ ئاتايدۇ.ئەگەر بالىدا شۇنداق ئەھۋال كۆرۈنسە پاۋلىك يانپاش داۋالاش كىيىمنى كىيدۈرۈش كېرەك. بۇ خىل داۋالاش كىيىمىنى كىيدۈرگەندە بالىلارنىڭ پۇتى كەڭ ئېچىلىپ، يانپاش كۆمۈرچىكى بىلەنيانپاش سۆڭەك جايىغا چۈشۈپ، نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ كېيىن يانپاشنى ئوپېرەتسىيە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

BowLegs.jpg

رەخت زاكا ئىشتىنى يانپاشنى پاۋلىك يانپاش داۋالاش كىيىمىدەك كەڭ قىلمايدۇ، بىراق رەخت زاكا ئىشتىنىنى كىيدۈرگەندە بەزىدە ئۇ يانپاشنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئىلگىرى يانپىشى توللۇق يېتىلمىگەنبالىلارغا كەڭ ھەم قېلىن يۇڭ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ پۇت ئارلىقىنى كەڭ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ باراتتى.

ئەگرى پۇت

ئامېرىكا دۆلەتلىك مېدىتسىنا كۇتۇپخانىسى

http://www.nlm.nih.gov/medlineplus/ency/article/001585.htm

ئەگرى پۇت دېگەىنمىز ئادەم ئۆرە تۇرغاندا پۇت ئوشۇقى بىر-بىرىگە تېگىپ تۇرسىمۇ ئەمما تىزنىڭ ئارلىقى زىيادە كەڭ ھالەتتە تۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق 18 ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن بۇ ئىنتايىن نورمال دەپ قارىلىدۇ.

سەەۋەبلەر

ھامىلىنىڭ بالياتقۇدىكى ھالىتى سەۋەبلىك بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ئادەتتە پۇتى ئەگرە تۇغىلىدۇ.ئەمما بالىلارنىڭ ئايىقى چىققاندىن باشلاپ، بۇ خىل ئەگرى پۇت بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ پۇتقا چۈشىشى بىلەن تۈزلىنىپ كېتىدۇ(تەخمىنەم 12 ئايلىقتىن 18 ئايلىققىچە).

ئۈچ ياش ئەتراپىدا بالىلار ئاساسەن ئوشۇقلىرى ئايرىلغان تىزلىرى بىر-بىرگە تېگىشكەن ھالەتتە ئۆرە تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بالىنىڭ پۇتى يەنىلا ئەگرى بولسا، ئۇ چاغدا بۇ بالا ئەگرى پۇت ھېساپلىنىدۇ.

بالىنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئاساسلىقى:

  • سۆڭەكنىڭ غەيرىي يېتىلىشى
  • بۇلانت كېسەللىكى
  • سۇنۇقنىڭ ياخشى تۇتماسلىقى
  • فلور ياكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش
  • ۋىتامىن د نىڭ كەملىكى

كېسەللىك ئالامەتلىرى

  • ئۆرە تۇرغان تىز بىربىرگە تەگمەسلىك
  • ھەر ئىككى پۇتنىڭ ئەگرىلىكى تەكشى ئەگرى بولۇش
  • ئۈچ ياشتىن كېيىنمۇ پۇت داۋاملىق ئەگرى بولۇش

تەكشۈرۈش

داۋالاش خادىملىرى بالىغا قاراپلا ئەگرە پۇتقا دىئاگنوز قويالايدۇ. يەنى بالىنى ياتقۇزۇپ تىز ئارلىقى ئۆلچىنىدۇ.

قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ۋىتامېن د كەملىكىنى ئېنىقلاش

رېنتىگىندا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن:

  • بالا 3 ياشتىن چوڭ بولۇشى كېرەك
  • پۇتنىڭ ئەگرىلىكى بەك ئېغىر بولسا
  • ئىككى پۇتنىڭ ئەگرىلىكى ئوخشاش بولمىسا
  • باشقا تەكشۈرۈشلەردە كېسەللىك كۆرۈلسە

داۋالاش

ئەھۋال ئالاھىدە ئېغىر بولمىسا داۋالاش تەۋىسىيە قىلىنمايدۇ. ئادەتتە ھەر ئالتە ئايدا بالىنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك.

ئەگەر ئەھۋال ئالىدە ئېغىر بولسا ياكى بالىدا باشقا كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ئالاھىدە ئاياق، ھاسا ياكىتاناغۇچلارنى سىناپ باقسا بولدىۇ. بىراق بۇلارنىڭ قانچىلىك پايدىسى بارلىقى ئېنىق ئەمەس.

ۋاقىتى كەلگەندە، يەنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئەگرى پۇتنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۈزلىگىلى بولىدۇ.

كۆرنىشى

كۆپ ۋاقىتلاردا نەتىجە يامان ئەمەس بولىدۇ، پۇتنىڭ ئەگرى بولۇشى مېڭىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى

ئەگرى پۇت تۈزەلمىسە ياكى داۋالاش ئېلىپ بارمىسا بەلكىم تىز ۋە يانپاش بوغۇملىرىدا ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قانداق ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك؟

ئۈچ ياشتىن كېيىن بالىنىڭ پۇتىدىكى ئەگرىلىك تۈزەلمىسە ياكى ئېغىرلىشىپ كەتسە دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش

ئەگرى پۇتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ۋىتامىن د كەملىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىنى پاتپات ئاپتاپقا قاقلاش، ھەم يېمەكلىكىدە ۋىتامىن د نىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


Leave a comment

Please note, comments must be approved before they are published