ھەل قىلىش ئۇسۇلى

رەخت زاكا ئىشتىنىدىكى داغنى قانداق چىقىرىمەن؟

  • ئەگەر زاكا ئىشتىنىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگۈرۈش كۆرۈلسە، سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ. بەزىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىمۇ زاكا ئىشتىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
  • داغدىن تولۇق ساقلانغىلى بولمايدۇ! لېكىن قۇياش نۇرى ئەڭ ياخشى ئاقارتقۇچى بولۇپ، داغنى ئۈنۈملۈك چىقىرىپلا قالماي يەنە ياخشى دېزىنفىكسىيە قىلغۇچىدۇر.
  • رەخت زاكا ئىشتىنىنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك، مەسىلەن: ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 2 – 1 قېتىم يۇيۇلغان ھۆل زاكا ئىشتىنىنى كۈن نۇرى چۈشىدىغان يەرگەئەستىرىنى سىرتىغا قىلىپ بىر نەچچە سائەت يېيىپ قۇرۇتۇش كېرەك.
  • ئەسكەرتىش: رېزىنكە بوغقۇچ ۋە سۇ ئۆتكۈزمەس قەۋىتىنىىڭ سۈپىتىنى ئاسراش ئۈچۈن، قۇياش نۇرى زىيادە كۈچلۈك ئاپتاپقا يايماڭ.
  • يۇيۇش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇش ئۇسۇلى.


قانداق قىلغاندا زاكا ئەسۋەسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

  • زاكا ئەسۋەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەر خىل بولىدۇ، مەسىلەن: چىش چىقىش، زۇكامداش، رىئاكسىيە، سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقى ۋە ھاۋا قاتارلىقلار.
  • نۇرانە بوۋاق زاكا ئىشتىنىغا ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان رەخت ئىشلىتىلگەچكە ھەم يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ئىشلەتكىلى بولغاچقا خالىغان ۋاقىتتا كۆپرەك ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بار، ئەمما قەغەز زاكا ئىشتىنىدا بۇنداق تاللاشلار ئاز، شۇڭا ئۇ زاكا ئەسۋەسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.
  • ئەگەر ھەر كۈنى بىر نەچچە سائەت زاكا ئىشلەتمىگەندە، زاكا ئەسۋەسىنىڭ ئالدىنىئالغىلى، ھەمدە بوۋاقلارنى خۇشال قىلغىلى بولىدۇ.
  • ئەنسىرىسىڭىز، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. جاھىل خاراكتېرلىق زاكا ئەسۋەسىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىتىشىڭىز كېرەك.
  • تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: زاكا مەلھىمى ۋە كىر قالدۇقى.


نۇرانە بوۋاق زاكا ئىشتىنى نېمە ئۈچۈن ئېقىپ قالىدۇ؟

زاكا ئىشتىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟

زاكا ئىشتىنىنى توغرا كىيگۈزدىڭىزمۇ؟

  • زاكا ئىشتىنىنىڭ مۇۋاپىق تەڭشەپ ئېتىلگەنلىكىنى جەزىمەلشتۈرىشىڭىز كېرەك. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى.
  • زاكا ئىشتىنىغا زاكىنى توغرا قويۇش ھەم بوۋاققا زاكا ئىشتىنىنى كىيدۈرگەندە زاكىنىڭ تەكشى قويۇلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك، بولمىسا ئېقىپ قېلىشى مۇمكىن.
  • زاكا ۋە تەگلىك زاكا ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە توغرا قويۇلۇشى كېرەك. ھەرقانداق بىر قىسمى سىرتقا چىقىپ قالسا، ئېقىپ قېلشى مۇمكىن.
  • ئەگەر زاكا ئىشتىنى ئېقىپ قالسا، يوتا قسىمىنىڭ چىڭ تۇرغان – تۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر چىڭ تۇرمىغان بولسا، ئېقىپ قالىدۇ.
  • زاكا ئىشتىنىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى بوۋاقنىڭ تېنىگە چىپ كەلتۈرۈش ھەمدە بوۋاق بەدىنىنى بوش بېسىپ تۇرغان ھالەتتە كىيگۈزۈش كېرەك. ئەگەر زاكا ئىشتىنى چىپ كەلمىسە، زاكا گەرچە قۇرۇق تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئاسان ئېقىپ قالىدۇ.

 

بوۋىقىڭىزنىڭ زاكا ئىشتىنىنى دائىم ئالماشتۇرامسىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ زاكا ئىشتىنىنى تەخمىنەن ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەتكەننىڭ بىر چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى بوۋاق تەرەت قىلغان ھامانلا بايقىيالايسىز.

يەنە بىر دانە زاكا قوشۇش كېرەكمۇ؟

بەزى بوۋاقلارنىڭ سۈيدۇك مىقدارى باشقا بوۋاقلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا، زاكا ئىشتىنىغا يەنە بىر تال زاكىنى ياكى قوشۇمچە زاكىنى قوشۇشقا بولىدۇ.

زاكا مەلھىمىنى سۈرۈش ئۇسۇلىڭىز ۋە زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟

  • زاكا مەلھىمى زاكا ئىشتىنىغا بىۋاستە تەگسە، زاكىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېقىپ قېلىشى مۇمكىن. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: زاكا مەلھىمى.
  • سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقىنى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە ياكى سۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، سوپۇن قالدۇقى قېلىشى، ھەم زاكا ئىشتان رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كېتىشى، سۇ سۈمۈرمەسلىك ۋە ئېقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

زاكا ئىشتىنىدا نېمىشقا سېسىق پۇراق قالىدۇ؟

  • زاكا ئىشتىنىنى يۇيغاندىن كېيىن قارىماققاپاكىز تۇرغاندەك بىلەن بوۋاق تەرەت قىلغاندا سېسىق پۇراق پەيدا بولسا، سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. سوپۇن سۇنىڭ رەخت تالالىرىغا سىڭىپ داغلارنى چىقىرىشىغا ياردەم قىلىدۇ. زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇپ چايقىغاندا ئەگەر سۇ ۋە سوپۇننىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، پاكىز يۇيۇلمايلا قالماستىن تەرەت قالدۇقى رەخت تالالارنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ.
  • تەرەت قالدۇقى زاكا ئەسۋەىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا زاكا ئىشتىنىنى يۇيغاندا سۇ مىقىدارىنى يۇقىرىراق تەڭشىسىڭىزمۇ ياكى زاكا ئىشتان سانىنى ئازايتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: يۇيۇش ئۇسۇلى ۋە كىر قالدۇقى.

 

كىر قالدۇقلىرى

زاكا ئىشتىنىدا كىر قالدۇقلىرىنىڭ قالغانلىقنى قانداق بىلەلەيمەن؟
  • كۈچلۈك ئامىياك پۇرىقى بولۇش
  • رەڭگى مەينەتكە مايىل بولۇش
  • زاكىلارنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى تۆۋەنلەش
  • زاكا ئىشتىنى ئېقىپ قېلىش
  • زاكا ئەسۋەسى چىقىش

 

 

كىر قالدۇقلىرىنىڭ سەۋەب نېمە؟

  • يۇيغاندا سۇ مىقدارىنىڭ يەتمەسلىكى
  • سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقى ماس كەلمەسلىك ياكى ئىشلىتىش مىقدارى مۇۋاپىق بولماسلىق

كىر قالدۇقلىرىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

  • ئالدى بىلەن سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلىقى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، زاكىلارنى ئىسسىق ھەم جىقراق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ بېقىش كېرەك. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: يۇيۇش ئۇسۇلى.
  • ئەگەر كىر قالدۇقلىرى يەنىلا چىقمىسا، بىر قوشۇق سۈپەتلىك قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى (ئېھتىياجغا قاراپ كۆپەيتسە بولىدۇ) بىلەن ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن ئىسسىق ھەم كۆپ مىقداردىكى سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇيسا پاكىزچىقىپ كېتىدۇ.
  • ئەسكەرتىش: زاكىدىكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ مازغاپ قالدۇقلىرىنى تولۇق چىقىرىۋېتىش كېرەك.