نۇرانە بوۋاق مەھسۇلاتلىرىنى يۇيۇش ئۇسۇلى
زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى
سوپۇننىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ
زاكا ئىشتىنىنى پاكىزيۇيۇش ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردىكى سوپۇن پارشوكى \ سۇيۇقلىقىنى كىرئالغۇغا سېلىڭ. ئەگەر بالىڭىز دائىم سىيىپ قويسا، ياكى زاكا ئىشتىنىدا سېسىق پۇراق بولسا، سوپۇننىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ قايتا يۇيۇپ بېقىڭ ۋە ياكى باشقا ماركىدىكى سوپۇن پارشوكى \ سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە تەۋىسىيە قىلىنغان ئىشلىتىش مىقدارى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. رەخت زاكا ئىشتىنىنى مەخسۇس يۇيىدىغان سوپۇن ئىشلەتمىسىڭىز، تەۋىسىيەقىلىنغان مىقدارنىڭ يېرىمىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ ياكى ئەھۋالغا قاراپ مىقدارىنى كۆپەيتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئالدى ئېغىزلىق كىرئالغۇغا كېتىدىغان سوپۇننىڭ مىقدارى ئۈستى ئېغىزلىق كىرئالغۇنىڭكىدىن ئازراق بولىدۇ.
ئازراق ۋاقىت چىلاپ قويۇڭ
ئەگەر زاكىنى بىر ئاز ۋاقىت چىلاپ قويۇپ يۇيۇشنى ياخشى كۆرسىڭىز، يۇيۇشتىن ئىلگىرى سوغۇق سۇغا 10 – 20 مىنۇت چىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ (چىلاش ۋاقىتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، بۇنداق قىلغاندا كىرلارنى يۇمشىتىپ چىقىرىشقا ئاسان بولىدۇ. ئىشقار مىقدارى كۈچلۈك سوپۇن پاروشوكى \ سۇيۇقلىقىغا چىلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا زاكا رەختىنىڭ چىرىتىۋېتىدۇ ھەم بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىىر يەتكۈزىدۇ.
سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق قىلىڭ
ئاۋۋال ئىلمان سۇ (℃40) بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن سۇغۇق سۇدا پاكىز چايقاڭ.
يېيىپ تەبىئىي قۇرۇتۇڭ
زاكا ئىشتىنىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن قۇرۇتقاندا ئەڭ ياخشىسى يېيىپ تەبىئىي قۇرۇتۇش كېرەك. زاكا ئىشتىنىنىڭ ئەستىرىنى سىرتقا قىلىپ قۇرۇتقاندا، ئەستىرىنىڭ ئاقىرىشىغا پايدىسى بولىدۇ ھەم تېشى كۈن نۇرىدا ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: داغ چىقىرىش.
سۇنىڭ مىقدارىنى يېتەرلىك قىلىڭ
سۇنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇش كېرەك. ئەگەر سۇ ئاز بولۇپ قالسا سوپۇن پارشوكى \ سۇيۇقلۇقى، مىكروپ ياكى تەرەت قالدۇقى زاكا ئىشتىنىدا قېلىپ، بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەم زاكا ئىشتىنىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قۇرۇتۇش ماشنىسىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قۇرۇتۇڭ
قۇرۇتۇش ماشىنىسىدا قۇرۇتقاندا، كۇنۇپكىنى «تۆۋەن» ياكى «نورمال» قىسمىغا توغرىلاش كېرەك. سىلىق يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا زاكا ئىشتىنىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
مۇھىت ئاسرايدىغان سوپۇننى ئىشلىتىڭ
مۇھىت ئاسرايدىغان سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. تەركىبىدە يۇمشاتقۇچ، ئاقارتقۇچ، پىگمېنت، خۇش پۇراق ماددا ۋە فېرمېنت، تەبىئىي ماي قوشۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا زاكا ئىشتىنىدا كىر قالدۇقى قېلىشى، سېسىق پۇراق پەيدا قىلىى ھەم زاكا ئىشتىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: قاتتىق سوپۇن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ!
قۇياش نۇرى: ئەڭ تەبىئىي ئاقارتقۇچى ۋە دېزىنفىكسىيە قىلغۇچى
داغنى تەبىئىي چىقىرىش ئۈچۈن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 1 – 2 قېتىم يۇيۇلغان ھۆل زاكا ئىشتىنىنى بىر نەچچە سائەت ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: رېزىنكە بوغقۇچ ۋە سۇ ئۆتكۈزمەس قەۋىتىنىىڭ سۈپىتىنى ئاسراش ئۈچۈن قۇياش نۇرى زىيادە كۈچلۈك ئاپتاپقا يايماڭ.
زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
قالايمىقان نەرسىلەرنى قوشماڭ
سېسىق پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن قالايمىقان نەرسىلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ، مەسىلەن: سودا، تۇز ياكى ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار.
سوپۇننى زىيادە ئاز سالماڭ
سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلىقىنىڭ مىقدارى زىيادە ئاز بولۇپ قالسا، تەرەت قالدۇقى ياكى سېسىق پۇراق قېلىشى مۇمكىن.
سوپۇننى زىيادە كۆپ سالماڭ
سوپۇن پاراشوكى \ سۇيۇقلىقىنىڭ مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، سوپۇن قالدۇقى قېلىشى ۋەزاكا ئىشتىنىڭ ئېقىپ قېلىشى مۇمكىن.
قايناق سۇغا باسماڭ
ئاۋۋال ئىلمان سۇدا (℃40) بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن سۇغۇق سۇدا پاكىز چايقاڭ.
ئەسكەرتىش:زاكا ئىشتىنىنى قايناق سۇغا بېسىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ سۈپىتىنى بۇزىۋېتىدۇ.
دەزمال سالماڭ
زاكا ئىشتىنىغا دەزمال سالماڭ، بولمىسا سۈپىتىنى بۇزىۋېتىدۇ.
تەركىبىدە نېفىت، بېلىق مېيى ۋە سىنىك بار زاكا مەلھىمىنى ئىشلەتمەڭ
زاكا مەلھىمى زاكا ئىشتىنىنىڭ سۈپىتىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دېيىلسىمۇ، بىراق زاكا مەلھىمىنى سۈرگەندە يەنىلا نۇرانە بوۋاقئالاھىدە تەگلىك ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكىزاكا مەلھىمىنى بىۋاستە ئىشلەتكەندە زاكا ئىشتىنىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىغا ۋە سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.
رەخت زاكا ئىشتىنى ھەققىدىكى دائىم سورىلىدىغان سوئاللارغا قىزىقسىڭىز، نۇرانە بوۋاق تور بېتىدىكى دائىم سورىلىدىغان سوئاللارغا قاراڭ.
ماتېرىيال چۈشۈرۈش.