زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى

نۇرانە بوۋاق سىزنى كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلىدۇ

كۈندىلىك ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئۇخلىغاندا \ سەپەرگە چىققاندىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ھاجەت قىلىشنى ئۆگىتىشكەيېتەكلىگەندىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

 

 

تەييارلىق خىزمىتى

تەييارلىق باسقۇچى –– سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپ ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى 5 – 3 قېتىمچە يۇيۇپ قۇرۇتۇش كېرەك. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ: زاكا ئىشتىنىنى يۇيۇش ئۇسۇلى.

1. ئالاھىدە تەگلىك

  • زاكىغا دەل كېلىدۇ، قاتلاپ ئاۋارە بولمايسىز. تەگلىكنى زاكا ئۈستىگە قويغاندا زاكىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ.

  • نۇرانە بوۋاقئالاھىدە تەگلىكنى قولياغلىق ئورنىدا ھۆلدەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

2. يۇمشاق، قۇرۇق ساقلاش زاكىسى

  • زاكىنى قوش ئېغىزلىق زاكىداننىڭ ئىچىگە قىستۇرۇش ياكى ئۈستىگە قويۇشمۇ قولايلىق.
    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا كىچىك زاكىنى، سەل چوڭبالىغا چوڭ زاكىنى، كېيىنچە ھەر ئىككى زاكىنى تەڭ ئىشلەتسە بولىدۇ. يۇمشاق ۋە قۇرۇق ساقلاش قەۋىتى ھەر ۋاقىت قۇرۇق تۇرغاچقا، بالىغا راھەت ئاتا قىلىدۇ.
  • زاكىنىڭ تار ئۇچىنى زاكا ئىشتىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رېزىنكىنىڭ ئارىسىغا كەلتۈرۈپ، يەنە بىر ئۇچىنى پاسىلداق بىلەن زاكا ئىشتىنىغا مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاستا يېنىك تارتسىڭىز چوڭ – كىچىكلىكى بوۋاققا ماس ھالدا ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىدۇ.

3. سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك قوشۇمچە زاكا

    ئۇخلىغاندا، سىرتقا چىققاندا ياكى ئېھتىياجىغا قاراپ زاكىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇشقا ياكى بىۋاستە ئۆگەنچە زاكا قىلىشقا بولىدۇ.

4. زاكا ئىشتىنىنىڭ ئەستىرى

  • رېزىنكە بوغقۇچ*: ئىككى تەرەپتىكى بوغقۇچنى تارتىش ئارقىلىق زاكا ئىشتىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى 3 – 0 ياشلىق بالىغا دەل قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. زاكا رېزىنكە بوغقۇچنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، پاسىلداق بىلەن ئېتىلىدۇ.
  • يۇمشاق ۋە قۇرۇق ساقلاش قەۋىتى ھەر ۋاقىت قۇرۇق تۇرىدۇ.

5. زاكا ئىشتىنى

  • سىرتقى قەۋىتى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان، سۇ ئۆتكۈزمەس رەختىن ئىشلەنگەن
  • زاكا ئىشتىنىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىڭ، بەك بوش ياكى بەك چىڭ بولۇپ كەتمىسۇن.

* پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن

نۇرانە بوۋاق زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى

 

 

يۇيۇش ئۇسۇلى


يۇيۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن چوڭ زاكا خالتىسىنىڭ بىرىنى كىرئالغۇنىڭ يېنىغا قويۇش، يەنە بىرىنى زاپاس ئېلىپ قويۇش كېرەك. زاكا ۋە زاكا ئىشتانلىرىنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە پاكىززاكىنى زاكا ئىشتانلىرىغا قىستۇرۇپ ئالدىن تەييارلاپ قويسىڭىز، جىددىي ۋاقىتلاردا ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ ھەم ۋاقىت تېجەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەگلىك ۋە پاكىز كىيىمنىمۇ ئالدىن تەييارلاپ قويۇڭ، شۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەم، مەسىلەن: چوڭلار، بالا باققۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىشىگىمۇ قولايلىق بولىدۇ، ھەم بالىمۇ قىينىلىپ قالمايدۇ.



زاكا مەلھىمىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

  • ئەگەر سىز زاكا مەلھىمى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى مايلىق ئەمەس بىر نەچچە خىل ئورگانىك تەبىئىي مەلھەملەر بار بولۇپ، ئۇلارنى تازىلاش ئاسانراق. تەركىبىدە نېفىت، بېلىق مېيى ياكى سىنىك بار زاكا مەلھەملەرنى ھەرگىز ئىشلەتمەڭ، بولمىسا زاكا ئىشتىنىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
  • گەرچە زاكا مەلھىمى زكا ئىشتىنىنىڭ سۈپىتىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دېيىلسىمۇ، بىراق زاكا مەلھىمىنى سۈرگەندە يەنىلا ئالاھىدە تەگلىك ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكىزاكا مەلھىمىنى بىۋاستە ئىشلەتكەندە زاكا ئىشتىنىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىغا ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
  • ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن زاكا مەلھىمى زاكا ئىشتىنىغا يۇقۇپ قالسا، شۇ يەرگە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن ئازراق قۇيۇپ ياكى ئاۋۋال قاتتىق چوتكا بىلەن تازىلاپ، ئاندىن پاكىز يۇيىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


زاكا ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۇش

  • ئەگەر زاكا ئىشتىنى پاكىز بولسا، زاكىنى ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
  • زاكا ئىشتىنىغا تەرەت يۇقۇپ قالسا، ئالدى بىلەن زاكا ئىشتىنىدىن زاكىنى ئېلىۋېتىپ يۇيۇڭ.
  • مەينەت زاكا ئىشتىنىنى زاكا خالتىسىغاسېلىىڭ.

بوۋاق پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتلىگەن بولسا، تەرىتىنى يۇيۇپ چىقىرىش بەك ئاسان.