قەغەز زاكا ئىشتىنىدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەر
www.DrMomma.org دىن ئېلىندى 2011 – يىل -4ئاي
- قەغەز زاكا قولايلىقلىقى بىلەن بۈگۈنكى دەۋردىكى تۇرمۇش رېتىمىغا نىسبەتەن ناھايىتى زۆرۈر لازىمەتلىكتەك كۆرىنىدۇ. گەرچە قەغەز زاكىنىڭ ئىشلىتىلىشى كەڭ بولسىمۇ، بىراق بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىلىدىغان بۇنداق زاكىلارنىڭ تەركىبىدە بالىنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك تەركىبلەر بار. «مۇھىت ساغلاملىقى خاتىرىسى»نىڭ 1999-يىلىدىكى تەتقىقاتىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرىدە، قەغەز زاكا بالىلاردىكىزىققا كېسىلى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشتىكى ئامىل بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىلگەن. ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەر بوۋاقلارنىڭ يۇمران ۋە سەرگۈر تېرىسىدە ئەسۋە ھەم رىئاكسىيە پەيدا قىلىدىكەن.
دايوكسىن
- قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ كۆپىنچىسى خىلور بىلەن ئاقارتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دايوكسىننى پەيدا قىلىپ ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە قەغەز زاكا ئىشتىنىغا سىڭىپ كىرىدۇ. (EPA) ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، دايوكسىن ئىلىم – پەن ساھەسىگەتونۇش بولغان ئەڭ زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرى شۇنداقلاEPA تەرىپىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا تىزىملىكىگە كىرگۈزىلگەن. دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، دايوكسىن بىلەن ئۇچراشقانداتېرىدە رىئاكسىيە پەيدا بولۇشى، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىۋېىتىشى، ھەمدە ئىممونىتېت سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، ئىچكى ئاجرالما سىستېمىسى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن.
ناترىي پولىكاربونات
- ناترىي پولىكاربونات بىر خىل سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىرىكمە (SAP دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قەغەز زاكا ئىشتانلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ دەرەختىن ئېلىنغان سېللۇلوزا بىلەن پولىئاكرىلات كرىستالىنىڭ بىركىمىسى بولۇپ، بۇ خىل خىمىيىلىك تەركىب سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۋالىدۇ ھەم زاكا ئىشتىنىنىڭ ئەستىرىدە كېرىلىش ھاسىل قىلىپ ئېقشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ناترىي پولىكاربونات بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە بەزىدە ئۇششاق چاپلىشاڭغۇ كرىستال ھالەتتە كۆرىنىدۇ، ھەمدە تېرە ياللۇغى ۋە نەپەس سىستېمىسى كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.زەھەرلىنىشتىن پەيدا بولغان شوك ئۇنۋېرسال كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ خىل خىمىيىلىك ماددىنى تازلىق قەغىزىگە ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان بولۇپ، پەقەت يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى بۇ خىل ماددا قەغەز زاكا ئىشتىنىغا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. بىراق ھازىرغىچە ناترىي پولىكاربوناتنىڭ بوۋاقلارنىڭ كەلگۈسى سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدىغانلىق توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق.
ترىبۇتىل قەلەي بىرىكمىسى
- • نۇرغۇنلىغان قەغەز زاكا ئىشتىنىدا ترىبۇتىل قەلەي بىرىكمىسى (TBT) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولۇپ،ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ (EPA) بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل زەھەرلىك بۇلغانما ماددا سۇ جانلىقلىرىغا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئورگانىزىمىنى (ھورمۇننى) قالايمىقانلاشتۇرىۋېدىكەن. TBT بىر خىل بۇلغىنىشچان خىمىيىلىك ماددا بولغاچقا، مۇھىت ۋە يېمەكلىكىمىزدە پارچىلانمايدىكەن. TBT يەنە يۇقۇملۇق مىكروئورگانىزمنى ئۆلتۈرىدىغان باكتېرىيە يوقاتقۇچىنىڭ تەركىبىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا جانلىقلار ئىلمى ئاكادېمىيىسىىنىڭ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ترىبۇتىل قەلەي بىرىكمىسى ياغ ھۈجەيرە گېنىنىڭ يېتىلىشىنى قوزغاپ ئادەمنى سەمەرتىۋېتىدىكەن.
ئۇچۇشچان ئورگانىك بىرىكمىلەر
- قەغەز زاكا ئىشتىنىدا كۆپىنچە ئۇچۇشچان ئورگانىك بىرىكمىلەر(VOC)بولۇپ، بۇ ئېتىل بېنزىن، مېتىل بېنزول، دىمېتىل بېنزول ۋە دىپېنتېنل قاتاارلىق خىمىيىلىك ماددىلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. EPAنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇچۇشچان ئورگانىك بىرىكمىلەر كۆز ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى، كېكىردەك ياللۇغى ۋە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدىكەن ھەم جىگەر، بۆرەك ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن، شۇنداقلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
باشقا خىمىيىلىك ماددىلار
- قەغەز زاكا ئىشتىنىغا دائىم ئىشلىتىدىغان باشقا خىمىيىلىك ماددىلاردىن يەنە بوياق، خۇش پۇراق ماددىلار، يالتىراق ۋە ۋازېلىن قاتارلىقلار بار. يېپىشقاق خىمىيىۋىي ماددىلار قەغەز زاكا ئىشتىنىدىكى تۇتاشتۇرغۇچقا، بۇياق گۈل نۇسخىسى ۋە ماركا ئۈچۈنئىشلىتىلىدۇ. بەزى زاۋۇتلار يەنە قەغەز زاكا ئىشتانلىرىدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن خۇش پۇراق ماددىلارنى قوشىدۇ.
Leave a comment