قەغەز زاكا ئىشتىنى تۇغماسلىق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
http://news.bbc.co.uk/2/hi/health/941174.stm
BBC خەۋىرى، 2000 – يىلى 9 – ئاي
يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى، قەغەز زاكا ئىشتىنى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپ كەلدى.
ئالىملار قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ ئەرلەردىكى تۇغماسلىق ۋە ئۇرۇقدان راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
گېرمانىيەدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەغەز زاكا ئىشتىنى ئوغۇل بالىلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئىكەن. Kiel ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى قەغەز زاكا ئىشتىنىدىكى يالتىراق ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپېراتورىسىنى ℃1 ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇرۇقدان خالتىسى تېمپېراتورىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەرلەردىكى ئۇرۇقىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. گېرمانىيە ئالىملىرى بۇ بايقاشنىڭ ئۆتكەن 25 يىلدىن بۇيان ئەرلەرنىڭ تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئۇرۇق سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رەخت زاكا ئىشتىنى
- ياۋروپا ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇرۇق سانى ئۆتكەن 25 يىلدىن بۇيان %25 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 27000 جۈپ ئەنگىلىيەلىك ئەر – خوتۇن تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالىتىدىكەن.
ئالىملار 24 سائەتلىك ئىككى دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە 48 ئوغۇل بالىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپېراتورىسىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھەر بىر بالىغا يا قەغەز زاكا ئىشتىنىنى يا رەخت زاكا ئىشتىنىنى كىيگۈزگەن. ئۇلار قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى تېمپېراتورىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، بىراق تەكرار ئىشلىتىلىشچان رەخت زاكا ئىشتىنىنىڭ ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئالىملار يەنە ئوغۇل بوۋاقلار قىزىۋاتقان چاغدا قەغەز زاكا ئىشتىنى كىيگەن بولسا، ئۇرۇقدان خالتىسى تېمپېراتورىسىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى
«ئەنگىلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان «ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى كېسەللىك خاتىرىسى» دېگەن ماقالىدا، ئالىملار يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
«ئۇرۇقدان تېمپېراتورىسى ئۇزۇن مۇددەت ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ℃ 1 ئۆرلىسە بوۋاق ئۇرۇقدىنىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر بولۇشى مۇمكىن.»
ئۇلار يەنە تولۇقلاپ: «تەركىبىدە يالتىراق بار زاكا ئىشتىنى ئۇرۇقداننىڭ ۋە ئۇرۇقنىڭ يېتىلىشىگە ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇرۇقدان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن» دەيدۇ.
پەرزەنت كۆرۈش خەير – ساخاۋەت جەمىيىتىنىڭ رەئىسى Tim Hedgely ئوبزورىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەتقىقات ئادەمى چۆچۈتىدىغان بولۇپ، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، قەغەز زكا ئىشتىنى بالىلار بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى قىزىتىپ تەرلىتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق پاختا زاكا قاتارلىقلار بەدەننى قىزىتمايدۇ، پەقەت سۇنىلا سۈمۈرۋالىدۇ»
بىراق سۇ سۈمۈرۈرچان تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلەر جەمئىيىتى &mdash قەغەز زاكا ئىشتىنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ۋەكىل باياناتچىسى Peter Stephenson بۇ تەتقىقاتقا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ «بۇ تەتقىقاتتكى ھۆكۈمىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساس يوق.»
Leave a comment