نۇرانە بوۋاق — مۇھىت ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز
كىشىنى چۆچۈتىدىغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەغەز زاكا ئىشتىنى ئەخلەت مەيدانىدىكى 3 – چوڭ بۇيۇم بولۇپ، بارلىق قاتتىق ئەخلەتلەرنىڭ %4نى ئىگىلەيدىكەن. ھەر كۈنى 1 مىليون 500 مىڭ تال ۋە 8 مىليوندىن ئوشۇق قەغەز زاكا ئىشتىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىېرلاندىيە بىلەن ئەنگىليەنىڭ ئەخلەت مەيدانلىرىغا تۆكۈلىدىغان بولۇپ، ئىرېلاندىيە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە شۇ جايلاردىكى يەرلىك كومېتىتلارنىڭ توختىماي بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ تولۇق پارچىلىنىپ بولىشىغا 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىكەن.
مۇھىت ئاسراشقا دائىر سانلىق مەلۇمات:
بىر بالا ئىككى ياشقا كىرگىچە، تەخمىنەن 6000 تال قەغەز زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىپ بولىدۇ، بۇ 1 توننا ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدۇ دېگەنلىك.
ئەڭ ياخشى شارائىتتا، بىر تال قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ پارچىلىنىشىغا 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىدا قەغەز زاكا ئىشتىنىنى پارچىلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھاۋا ياكى نۇر يوق. ئاتالمىش مۇھىت ئاسرايدىغان قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ پارچىلىنىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر بىز مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۈچ پرىنسىپىغا ئەمەل قىلساق يەنى ئىشلىتىشنى ئازايتساق، قايتا ئىشلەتسەك ۋە تەكرار ئىشلەتسەك مۇھىتنى ئاسرىيالايمىز، شۇڭا رەخت زاكا ئىشتىنى بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز بولالايدۇ.
ئىرېلاندىيەدە ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن 80000 بوۋاق، ئەنگىلىيەدە بولسا 703000 بوۋاق تۇغۇلغان. ھەر بىر نۇرانە بوۋاق رەخت زاكا ئىشتىنىنى پۈتۈنلەي قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بالىڭىز 2 ياشقا كىرگىچە، 6000 تال قەغەز زاكا ئىشتىنى ئەمەس، پەقەت 24 تال رەخت زاكا ئىشتىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. نۇرانە بوۋاقنىڭ قوناق تالاسىدىن ئىشلەنگەن ئالاھىدە تەگلىكى تولۇق پارچىلىنىدۇ.
بوۋىقىڭىز ئۈچۈن، يەر شارى ئۈچۈن ۋە ئائىلە ئىقتىسادىڭىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرانە بوۋاق رەخت زاكا ئىشتىنى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. ھەم ئۇنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندىلا ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
نۇرانە بوۋاق ئاددىي، زامانىۋى ھەم باھاسى مۇۋاپىقمەھسۇلاتلىرى بىلەن قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، بالىڭىز ۋە مۇھىتقا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ:
- پەقەت قوياش نۇرى بىلەنلا ئاقارتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
- يۇيۇپ ۋە تەكرار ئىشلەتكەندە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېجىگىلى ۋە مۇھىت ئاسرىغىلى بولىدۇ.
- ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش چىقىمىنى ئازايتالايسىز.
- خام ئەشيا ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى يەنى دەرەخ ۋە نېفىت قاتارلىقلارنى قوغدىيالايسىز.
- ئىشلەپچىقىرىش، يالتىراق ئورالما ھەمدە يۆتكەش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيسىز.
:مۇھىتقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن
- يەرلىك ئورۇندىن مال زاكاز قىلسا، توشۇش خىراجىتى تېجىلىدۇ.
- زاكا ئىشتىنى يېتەرلىك بولسا، پۇل تېجىگىلى ۋە مۇھىت ئاسرىغىلى بولىدۇ &mdash يۇيۇش قېتىم سانى قانچا ئاز بولسا زاكا ئىشتىنىنىڭ ئۇپرىشىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ، سۇ ھەم ۋاقىت تېجىلىدۇ.
- تەجرىبىدىن مەلۇم بولدىكى، زاكا ئىشتىنىنى يۇيغاندا سوپۇننىڭ مىقدارى كۆرسىتىلگەن مىقداردىن ئاز بولۇشى كېرەك.
- ئاۋۋال ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن سۇغۇق سۇدا پاكىز چايقاڭ.
- ئوتتۇرا ھال تېزلىكتە قۇرۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا زاكا ئىشتىنىنىڭ ئۇپرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
- تەبئىي يېيىپ قۇرۇتقاندا چىقىمىنى تېجىگىلى بولىدۇ.
Leave a comment