تەبىئىي زاكا ئىشتىنى جەمئىيىتى — زاكا ئىشتىنىغا دائىر پاكىتلار
http://www.realdiaperassociation.org/diaperfacts.php
نېمە ئۈچۈن رەخت زاكا ئىشتىنىنى تاللايسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، يەنى رەخت زاكا ئىشتىنى بالىڭىزنىڭ بەدىنىگە تەگكەندە يۇمشاق تۇيغۇ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيىلىك تەركىبلەر يوق. تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن شۇنى كۆرىۋالىمىزكى، رەخت زاكا ئىشتىنىنى تەكرار ئىشلەتكىلى يەنى تاكى يىرتىلىپ كەتكىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىلەرگە ئاددىي ساۋاتلارلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي پاكىت كېرەك. تۆۋەندىكى سىناقلاردىن ئۆتكەن پاكىتلار سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. بىز سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمىز، كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
ئەسكەرتىش:تۆۋەندىكى تېكىستنىڭ نەشىر ھوقۇقى قوغدىلىدۇ
مۇھىت
1988 – يىلى، ئامېرىكادا 18مىليارت زاكا ئىشتىنى سېتىلغان ۋە ئىشلىتىلگەن.4 ھېسابلاش ئارقىلىق («تەننەرخى: پۈتۈن دۆلەتتىكى تەننەرخى» دېگەن بۆلەككە قاراڭ)، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 27 مىليارت 400 مىليون قەغەز زاكا ئىشتىنى ئىشلىتىلىدىكەن.13
قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ ئورالمىسىدىكى چۈشەندۈرشىدە قەغەز زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىپ بولۇپ تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن، چوڭ تەرەتنى چوقۇم ھاجەت تۇڭىغا تاشلاش كېرەك دېگەن تەكلىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت 0.5 پىرسەنت قەغەز زاكىدىكى تەرەت ئەۋرەز يولىغا تاشلىنىدىكەن.4
92%دىن كۆپرەك قەغەز زاكا ئىشتىنى ئەخلەت مەيدانىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.4
1988 – يىلى ئىشلىتىلىپ بولغان قەغەز زاكا ئىشتىنىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەتكەن يىللىق چىقىم300 مىليونغا يېقىن ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بىراق رەخت زاكا ئىشتىنى كونىراپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەخمنىنەن 50 قېتىمدىن 200 قېتىمغىچە قايتا ئىشلىتىلگەن.4
بىر تال قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ پارچىلىنىشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ھېچكىمگە ئېنىق ئەمەس، مۆلچەرگە قارىغاندا 250 يىلدىن 500 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇ چاغدا سىزنىڭ بالىڭىز، نەۋرىڭىز، ھەتتا ئەۋرە – چەۋرىلىرىڭىزمۇ بۇ ئالەمدىن خوشلاشقان بولىدۇ.5
قەغەز زاكا ئىشتىنى ئەخلەت مەيدانىغا يىغۋېلىنغان 3 چوڭ ئەخلەتنىڭ بىرى، قاتتىق ئەخلەتنىڭ %4نى ئىگىلەيدۇ. بىر ئائىلىدە زاكا ئىشتىنى كېيىدىغان بالا بولسا، قەغەز زاكا ئىشتىنىدىن چىققان ئەخلەت ئائىلە ئەخلىتىنىڭ %50نى تەشكىل قىلىدۇ. 5
رەخت زاكا ئىشتىنىغا سېلىشتۇراندا، قەغەز زاكا ئىشتىنىدىن چىقىدىغان قاتتىق ئەخلەت 60 ھەسسە كۆپ، ئۇنىڭغا كېتىغان خام ماتېرىيالنىڭ يەنى خام نېفىت ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ سانى 20 ھەسسە ئارتۇق.3
قەغەز زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشتە ئىسراپ بولىدىغان سۇ رەخت زاكا ئىشتىنىغا قارىغاندا 2.3 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.3
پەقەت بىر بوۋاققا كېتىدىغان قەغەز زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، ھەر يىلى 300 قاداق (136 كىلوگرام) ياغاچ، 50 قاداق (23 كىلوگرام) خام نېفىت ۋە 20 قاداق (9 كىلوگرام) خېلوروبېنزېن كېتىدۇ.6
1991 – يىلى سىياتىل شەھىرىدە قەغەز زاكا ئىشتىنىنى تەكرار ئىشلىتىشنى سىناق قىلماقچى بولغان، بۇ سىناققا 800 ئائىلە، 30 يەسلى، بىر دوختۇرخانا ۋە بىر قايتۇرۇپ يىغىۋېلىش شىركىتى قاتناشقان بولۇپ، سىناق ۋاقىتى بىر يىل داۋام قىلىنغان. Procter & Gamble شىركىتى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا، قەغەز زاكا ئىشتىنىنى يىغىۋېلىش ۋە ئۇنى قايتا ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ خۇلاسە چىقارغان.17
تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە زاكا ئەسۋەسى
زاكا ئەسۋەسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ تېرىنىڭ زىيادە نەم بولىشى.19
قانداق زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىشتىن قەتئىنەزەر، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ زاكىسىنى ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، چوڭراق بالىلارنىڭكىنى ھەر 3 – 4 سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرسا بولىدۇ.20
زاكا ئىشلىتىش جەريانىدا، بوۋاقلارنىڭ يېرىمىدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم زاكا ئەسۋەسى پەيدا بولىدۇ.20
1940 – يىلنىڭ ئالدىدا، تەركىبىدە كاۋچۇك ياكى يالتىراق بار زاكا ئىشتانلىرى تېخى ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، ئۇ چاغلاردا زاكا ئەسۋەسى كۆرۈلۈپ باقمىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.21
زاكا ئەسۋەسىگە نىسبەتەن ئېيتساق، مەيلى رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىڭ ۋە ياكى قەغەز زاكا ئىشتىنىنى ئىشلىتىڭ بۇنىڭ چوڭ پەرقى يوق.22
زاكا ئەسۋەسىنى قوزغايدىغان سەۋەپلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلىش، ئېچىتقۇچى باكتېرىيە ياللۇغى، تېرە سەزگۈرلىشىش، تېرە ياللۇغلىنىش ۋە خىمىيىلىك غىدىقلىنىش قاتارلىقلار. سەل چوڭراق بوۋاقلارغا نىسبەتەن، زاكا ئەسۋەسىنى يېڭىچە يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزى يېمەكلىكلەر چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. بالا ئېمىۋاتقان مەزگىلدە، ئانىنىڭ يېمەك – ئىچمىكى بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىگە تەسىر قىلىپ، ئەسۋە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.19
تەننەرخى
مۆلچەرىمىزچە، ھەر بىر بوۋاق ئىككى ياشقا كىرگىچە 8 6000 تال زاكا ئىشتىنى ئىشلىتىدۇ7. تۆۋەندىكىلەر كالىفورنىيە شىتاتى سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى باھاغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتۇر.
قەغەز زاكا ئىشتىنى: ئۇنىڭ تەنەرخىنى ھېسابلىغاندا، بىر ئائىلە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 60 تال زاكا ئىشتىنىغا ئېھتىياجلىق دەپ پەرەز قىلساق، بىر بالا ئىككى ياشقا كىرگىچە قەغەز زاكا ئۈچۈن كەتكەن ئومۇمىي چىقىم 1600 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىدۇ، يەنى ھەر ئايلىق چىقىم 66 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. (سان فىرانسىسكونىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدا، قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ باھا پەرقى باشقا جايدىن چوڭ ئەمەس، يەنى ئادەتتىكى ماركىلىق قەغەز زاكىنىڭ ھەر بىرى 23 سېنت، داڭلىق ماركىلىقى 28 سېنت، ئوتتۇرىچە باھاسى 25.5 سېنت) 9
رەخت زاكا ئىشتىنى: رەخت زاكا ئىشتىنىنى ئىشلەتكەندە، بىر ئائىلە ئۈچۈن تەخمىنەن 72 تال زاكا ئىشتىنى كېتىدۇ10 . ئوخشىمىغان ماركىدىكى رەخت زاكا ئىشتىنىنىڭ باھا پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەرزىنى 300 ئامېرىكا دوللىرىغا بىر يۈرۈش قاتلىنىدىغان زاكا ۋە زاكا ئىشتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ 11 ، قىممىتى 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا تەبىئىي ماتېرىيالدىن ياسالغان بىر يۈرۈش رەخت زاكا ۋە يۇڭ زاكا ئىشتىنىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە باھا پەرقى چوڭ بولسىمۇ، بىراق 300 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان بىر يۈرۈش قاتلىنىدىغان زاكا ۋە زاكا ئىشتىنىنىڭ كۆپىنچىسىنى باشقا بالىلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. دېمەكچى، رەخت زاكا ئىشتىنىغا كېتىدىغان چىقىم قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ تەخمىنەن 10 \ 1 گە توغرا كېلىدۇ،12 ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى كونا نەرسىلەر (كونا پوپايكا ۋە مايكا)نى زاكا قىلسىمۇ كۆپ پۇل تېجىگىلى بولىدۇ.
دۆلەتلىك تەننەرخى. ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2000 – يىلى 4 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى 19 مىليون ئىكەن. بىز تەخمىنەن ئىككى ياشتىن تۆۋەن 9 مىليون 500 مىڭ بالىنى زاكا ئىشتىنى كىيىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، يۇقىردىكى تەتقىقاتقا ئاساسەن 5-10% بالىلار بىر مەزگىل رەخت زاكا ئىشتىنى كىيىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرچە ھېسابلاپ چىقساق، %7.5 بالا رەخت زاكا ئىشتىنى كىيىدۇ، %92.5 بالا قەغەز زاكا ئىشتىنى كىيىدۇ دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئامېرىكىدا تەخمىنەن 8 مىليون 800 مىڭ بالا ھەر يىلى 27 مىليارت 400 مىليون قەغەز زاكا ئىشتىنىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.13
بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر قەغەز زاكا ئىشتىنى كىيىدىغان 8 مىليون 800 مىڭ بالا ئۈچۈن ھەر بىر بالىغا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 ئامېرىكا دوللىرى چىقىم كەتسە، قەغەز زاكا ئىشتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلار ھەر يىلى تەخمىنەن 7 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت قىلىدۇ. ئەگەر يۇيغىلى بولىدىغان رەخت زاكا ئىشتىنى ئىشلەتسە، ئۇلار 6 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قالالايدۇ،14 بۇ تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكىلىك بالىلار ئۈچۈن توپتوغرا بىر يىللىق ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇلغا باراۋەر. 15 توغرا كېلىپ قالغان يېرى شۇكى، 2002 – يىلى ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ 6 ياشتىن تۆۋەن بالا نامراتلىقتا ياشايدىكەن.16
سالامەتلىك
- قەغەز زاكا ئىشتىنىدا ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى دايوكسىن بار بولۇپ، قەغەزنى ئاقارتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان بىر خىل زەھەرلىك، راك پەيدا قىلغۇچىماددىدىن ئىبارەت. ئۇ EPA تەرىپىدىن راكنى پەيدا قىلغۇچى بارلىق خىمىيىلىك ماددىلار ئىچىدە ئەڭ زەھەرلىك ماددا دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىن باشقا غەرپتىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىش چەكلەنگەن .1
قەغەز زاكا ئىشتىنىدا ترىبۇتىل قەلەي بىرىكمىسى(TBT) &mdash يەنى بىر خىل راك پەيدا قىلىدىغان بۇلغىما بار بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھورمۇنىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.2
قەغەز زاكا ئىشتىنىدا ناترىي پولىكاربونات يەنى بىر خىل سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىرىكمە ماددا (SAP دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بار بولۇپ، سۇ بىلەن ئۇچراشسا يىلىمسىمان ماددىغا ئۆگىرىدۇ. بۇنداق ماددىلارنى سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولغان تازلىق قەغىزىگە ئىشلەتكەن بولۇپ، پەقەت 1980- يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ خىل ماددىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ توكسىن پەيدا قىلىدىغان مىكروپلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقى ئاشكارلانغان.3
2000 – يىل 5 – ئايدا ئېلان قىلىنغان «ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى كېسەللىك خاتىرىسى» دېگەن ماقالىدە، قەغەز زاكا ئىشتىنى ئوغۇل بالىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل قەغەز زاكا ئىشتىنى ئىشلەتكەندە ئۇرۇقدان مىخانىزىمىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ ياكى پۈتۈنلەي بۇزىۋېتىدۇ، ئۇرۇقداننىڭ بۇ خىل مىخانىزىمى ئۇرۇقنىڭ نورمال يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەن.18
Sources
- • ماتېرىياللار
1 Allsopp, Michelle. Achieving Zero Dioxin: An emergency strategy for dioxin elimination. September 1994. Greenpeace. http://archive.greenpeace.org/toxics/reports/azd/azd.html
2 Greenpeace. New Tests Confirm TBT Poison in Procter & Gamble’s Pampers: Greenpeace Demands World-Wide Ban of Organotins in All Products. 15 May 2000.
http://archive.greenpeace.org/pressreleases/toxics/2000may152.html
3 Armstrong, Liz and Adrienne Scott Whitewash: Exposing the Health and Environmental Dangers of Women’s Sanitary Products and Disposable Diapers, What You Can Do About It. 1993. HarperCollins.
4 Lehrburger, Carl. 1988. Diapers in the Waste Stream: A review of waste management and public policy issues. 1988. Sheffield, MA: self-published.
5 Link, Ann. Disposable nappies: a case study in waste prevention. April 2003. Women’s Environmental Network.
6 Lehrburger, C., J. Mullen and C.V. Jones. 1991. Diapers: Environmental Impacts and Lifecycle Analysis. Philadelphia, PA: Report to The National Association of Diaper Services (NADS).
7ئىككى يىلدا ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 8 قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ (8x365x2=5,840)
8 بىز ئىككى ياشنى زاكا ئىشتىنى كىيىشتىن ئۆزى تەرەت قىلىشنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتۇرىچە ئۆتكۈنچى ياش ئۆلچىمى قىلىمىز.
9 60x52x$0.255=$795.60, ($800). $800×2年=$1,600. $1,600÷24=$66/月 = ھەر ئايدا 66$.
10 ئىككى خىل رازمېرنىڭ ھەر بىرىدە 36 تال بار، كۆپ ساندىكى بوۋاقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ
11 قاتلىنىدىغان 72 تال زاكىنىڭ ھەر بىرى $2.16 ، 16 تال زاكىنىڭ ھەر بىرى $8.50 ((72x$2.16)+(12x$8.50)=$292)
12 بالا $ 150= بالا 2÷$ 300 بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر بىر بالا ئۈچۈن كېتىدىغان قەغەز زاكا ئىشتىنىنىڭ ئومۇمىي باھاسى $ 1,600
13 8.8 million x 60 x 52 = 27.4 billion [13 880万 x 60 x 52 = 274亿]
14 Cloth diapering is 90% cheaper. 90% of $7 billion is $6.3 billion.
- • 14 رەخت زاكا ئىشتىنى %90 ئەرزان، 7مىليارت دوللارنىڭ %90 ى 6 مىليارت 300 مىليون بولىدۇ.
15 يېمەكلىك خىراجىتىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى: ھەر بىر بالا ئۈچۈن يىلدا$2,475 ياكى ھەر بىر بالىنىڭ ھەر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق تامىقىغا يەنە پارچە – پۇرات يېمەكلىكلەر خىراجىتىقوشۇلۇپ $6.78 بولىدۇ. خىراجەت ئۆلچىمى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش تۈرىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىلغان. 2003 – يىل 7 – ئايدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات. http://www.fns.usda.gov/cnd/Care/CACFP/cacfpfaqs.htm]
16 2003 – يىللىق كىرىم ئەھۋالى ۋە تاللاش ئالاھىدىلىكى (تۈزىتىلگەن نۇسخا)گە ئاساسەن بېكىتىلگەن نامراتلارنىڭ پىرسەنتى. http://www.census.gov/hhes/poverty/poverty02/r&dtable5.html
17Stone, Janis and Sternweis, Laura. Consumer Choice &mdash Diaper Dilemma. Iowa Sate University – University Extension. ID.# 1401. 1994.
http://www.rockwellcollins.com/daycare/pdf/pm1401.pdf
18C-J Partsch, M Aukamp, W G Sippell Scrotal temperature is increased in disposable plastic lined nappies. Division of Paediatric Endocrinology, Department of Paediatrics, Christian-Albrechts- University of Kiel, Schwanenweg 20, D-24105 Kiel, Germany. Arch Dis Child 2000;83:364-368.
Click here or go to http://adc.bmjjournals.com and search by the title of the study.
19 Boiko, S. 1997. Diapers and diaper rashes. February 1, 1997. Dermatology Nursing.
20 Shin, H.T. 2005. Diaper dermatitis that does not quit. Dermatologic Therapy, 18: 124-135.
21 Weiner, F. 1979. The relationship of diapers to diaper rashes in the one-month-old infant. The Journal of Pediatrics, 95: 422-424.
22 Stein, H. 1982. Incidence of diaper rash when using cloth and disposable diapers The Journal of Pediatrics, 101: 721-723.
.23Internal Revenue Service. December 9, 2008. Publication 502, Medical and Dental Expenses
Leave a comment